زوردۇن سابىرغۇلجا شەھرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 33 كىلىومېتىر كېلىدىغان ھەيۋەتلىك ئابرال تاغلىرىنىڭ ئېتىگىدە ھاۋاسى ساپ، سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت بىر كەنت بار. ئىلگىرى بۇ يەر غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىغا قاراشلىق بولۇپ ساقى يۈزى، تۆۋەنكى ئون دىگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئىسمى بوستانغا ئۆزگەرتىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان يېڭىتام يېزىسىغا قوشۇۋىتىلگەن.
زوردۇن سابىر 1937–يىلىنىڭ چوكانتال مەزگىلىدە دەل مۇشۇ كەنتتىكى (ھازىرقى غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزا بوستان كەنتى) بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ بۇ ئائىلىدىكى تۆت بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ ئاكىسى نۇرۇمدىن ئۈچ ياش كىچىك، ئىنسى مۇسەللىم ۋە سىڭلىسى بانۇدىن ئايرىم–ئايرىم ئىككى ياش ۋە بەش ياش چوڭ ئىدى.
دادىسى سابىر تەقدىرى يەرگە باغلانغان ئالتىنچى ئەۋلات تارانچىلاردىن بولۇپ، راستچىل، يۇۋاش–يۇمشاق، بىراۋنى بوزەك قىلمايدىغان ۋە ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان ئادەم ئىدى. سابىرنىڭ دادىسى غازى 1903–يىلى 56 يېشىدا ۋاپات بولغان.(بۇ كىشى ياقۇپبەگ شىنجاڭغا بېسىپ كىرگەندە ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ئەسكەر بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشلەرنى زوردۇن دادىسىدىن كۆپ ئاڭلىغان ئىدى) بۇ چاغدا سابىر ئەمدىلا بەش ياشتا بولۇپ، ئانىسمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشىدۇ. ئاتا–ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قالغان سابىرنى ئاكىسى سايىت بىقىپ چوڭ قىلغان ئىدى. دەل مۇشۇ تارىخ كىيىنچە ئۇنىڭ ئوغلى زوردۇنغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى.
زوردۇننىڭ ئانىسى ئانارخان تولىمۇ مېھرىبان ۋە قائىدە يۇسۇنلۇق ئايال بولۇپ، مەھەللىدە ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى روزاخۇن 1910–يىللاردا پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ تۈگمەنبېشى دىگەن يېرىدىن غۇلجىغا كۆچمەن بولۇپ چىققان ۋە كىيىنچە مۇشۇ بايتوقايدا ماكانلىشىپ مونچاخان ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئۇلارنىڭ جەمئىي ئۈچ بالىسى بولۇپ ئانارخان ھەممىدىن كىچىكى ئىدى.
ئانارخان سابىرئاخۇن بىلەن 1926–يىلى توي قىلغان. ئۇلار ئۆمرىدە جەمئى ئالتە پەرزەنتلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بانۇم تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كىيىن ئانارخان 31 يېشىدا ۋاقتسىز ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ 1942–يىلىنىڭ باھار ئايلىرى بولۇپ شۇنىڭ بىلەن بىر بەختلىك ئائىلىنىڭ قارا كۈنلىرى باشلاندى.
Ещё видео!